ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى تاقالدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىن ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا ئاجرىتىپ بېرىلگەن مەبلەغنى ماڭدۇرۇپ بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن رادىيو ئۆز مەشغۇلاتىنى زور دەرىجىدە قىسقارتىشقا مەجبۇر بولدى. ئالدىنقى ھەپتىدە رادىيومىزنىڭ لائوس بۆلۈمى خەۋەر ئېلان قىلىش ۋە ئاڭلىتىشنى توختاتقانىدى. بۇ شۇنى كۆرسىتىدۇكى، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ ئاسىيا قىتئەسىدىكى توققۇز خىل تىلدا ئاڭلىتىش بېرىۋاتقان تۆت بۆلۈمى ئەمدى مەتبۇئات ئەركىنلىكى بولمىغان مەملىكەتلەر ياكى رايونلاردىكى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنى ئىشەنچلىك خەۋەر مەنبەسى دەپ قاراپ كېلىۋاتقان ئاڭلىغۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىشتىن توختايدۇ. رادىيونىڭ مەبلىغى ئەمەلىيلەشمىسە، باشقا تىللارنىڭ ئاڭلىتىشلىرىمۇ يېقىن ئارىدا مۇلازىمەتتىن توختايدۇ.

ئوتتۇز يىلغا يېقىن ۋاقىتتا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمى شىنجاڭنىڭ ئىچى ۋە تېشىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇھىم ۋە مۇستەقىل خەۋەر مەنبەسى بولۇپ كەلگەنىدى. بۇ جەرياندا ئۇيغۇر بۆلۈمىدىكى مۇخبىرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھاكىممۇتلەق ھۆكۈمرانلىقىدىكى تەڭسىزلىكلەر ھەققىدە خەۋەرلەر ئىشلىدى، خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتلىرىنى پاش قىلدى، شۇنىڭدەك تەقىپ ۋە زۇلۇملارغا دۇچار بولۇۋاتقان مىليونلىغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۈمىد نۇرى بولۇپ كەلدى. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغا غايەت زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك لاگېرلار، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدىكى يوقىتىش قىلمىشلىرىدىن مەلۇمات بەرگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي ھۆكۈمىتى ئاڭلاشنى زادىلا خالىمايدىغان خەۋەرلەر ئىدى. رادىيو ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشتا مۇھىم رول ئويناپ كەلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاشۇ چەكلەنگەن رايوندا تۇرۇپ رادىيو پروگراممىلىرىمىزنى ئاڭلىغان ئىنسانلارنىڭ دائىمىي قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى تۈپەيلىدىنلا ئەمەلگە ئاشقان ئىدى.

ئۆملۈكتە بىز تارىخ ياراتتۇق. ئۆملۈكتە بىز تەڭسىزلىكلەرگە قارشى سۈكۈناتنى بۇزدۇق. شۇنداقلا ئۆملۈكتە بىز دۇنيانىڭ ئەڭ يوشۇرۇن ۋە مۇرەككەپ رايونلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە شاھىد بولدۇق.

بۇ يۈرەكلەرنى ئېزىدىغان بىر دەقىقە. ئەمما ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۆز بۇرچىغا بولغان ساداقىتىنى ساقلاپ قالىدۇ. رادىيونى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەن ئىشنىڭ ھەممىسىنى قىلىمىز. بىز بۇ ئىشلارنىڭ بىر ئاخىرلىشىش ئەمەس، بەلكى قىسقا مۇددەتلىك بىر توختاش بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇكى، رادىيونىڭ مەبلىغى ئەسلىگە كەلگەن ھامان ھەرقايسى بۆلۈملەرنىڭ ئاۋازى يېڭىۋاشتىن ياڭرىغۇسى.

شۇنىڭغىچە، ھەرقايسىڭلارنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىگىنىڭلار ۋە ھەمدەرت بولۇپ بەرگەنلىكىڭلار ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتىمىز.