قىسقا خەۋەرلەر

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ خىتاي بىلەن يېقىندا تاموژنا بېجى مەسىلىسىدە كېلىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سودا ئۇرۇشى ئۈستىدە توختالغىنىدا، ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن تاموژنا بېجى مەسىلىسىدە ئالدىمىزدىكى بىر قانچە ھەپتىدە كېلىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.