ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ خىتاي بىلەن يېقىندا تاموژنا بېجى مەسىلىسىدە كېلىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سودا ئۇرۇشى ئۈستىدە توختالغىنىدا، ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن تاموژنا بېجى مەسىلىسىدە ئالدىمىزدىكى بىر قانچە ھەپتىدە كېلىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى خەلقئارالىق مېھمانخانا زەنجىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا كېڭىيىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ دوكلات ئېلان قىلدى
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى (UHRP) 17-ئاپرېل «قەيەردە تۇرىشىڭىزنىڭ ئەھمىيىتى بار: شەرقىي تۈركىستاندىكى خەلقئارالىق مېھمانخانا زەنجىرلىرى» ناملىق بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، خەلقئارادىكى چوڭ مېھمانخانا زەنجىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا زور كۆلەمدە كېڭىيىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

شىنجاڭ ھۆكۈمىتى يېقىندا تەمبۇر چالغان ئۇيغۇر قىزنىڭ ۋىدىيوسىنى تارتقان خىتاي سەنئەتكارنى جازالىغان
شىنجاڭدا بىر خىتاي سەنئەتكار تەمبۇر چالغان ئۇيغۇر قىزنىڭ ۋىدىيوسىنى رۇخسەتسىز تارتقانلىقى ئۈچۈن «فىلىم سانائىتىنى تەرغىب قىلىش قانۇنى»غا ئاساسەن 75000 يۈەن جېرىمانە قويۇلۇپ، قوللانغان ئاپارات ئۈسكۈنىلىرى ۋە تارتقان ماتېرىياللىرى مۇسادىرە قىلىنغان.

خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن سودا ئۇرۇشىنى داۋاملاشتۇرىشى ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىغا زور قىيىنچىلىق ئېلىپ كېلىدىكەن
ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سودا ئۇرۇشى ئىككى ھەپتىدىن بۇيان بارغانسېرى كەسكىنلىشىپ ماڭغان بولۇپ، ئەگەر ئىككى تەرەپ تاموژنا بېجى مەسىلىسىدە پات يېقىندا كېلىشمىسە بۇنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىغا بەلگىلىك دەرىجىدە، ئەمما خىتاينىڭ ئىقتىسادىغا زور دەرىجىدە زىيان ئېلىپ كېلىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر سەنئەتكارلارنى ياۋروپادا ئويۇن قويغۇزۇپ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يۇيۇشقا ئۇرۇنغان دەپ ئەيىبلەنمەكتە
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قوللۇق ئورۇنلاشتۇرۇشىدا مۇقام ئانسامبلىدىكى ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسسۇلچىلار فرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدىكى دۇنياغا تونۇلغان ئېففېل مۇنارى يېنىدىكى سۇپىدا ۋە ۋېنگېرىيەنىڭ پايتەختى بۇداپىشتتىكى قەھرىمانلار مەيدانىدا ئويۇن كۆرسەتكەن.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ تاموژنا بېجى مەسىلىسىدە خىتايغا يەنە قاتتىق مەيداندا بولماقتا
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ بېجىنى 125 پىرسەنتكە ئۆستۈرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا تېخى خىتايغا قارشى ھازىرچە ھەرىكەت ئېلىپ بارمىدى. ئەمما پرېزىدېنت ترامپ يەكشەنبە كۈنى ئىجتىمائىي توردا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى قاتتىق ئەيىبلىدى.

خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئۇيغۇر رايونىدا خىتاي تىلىنى كېڭەيتىش ۋە تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشقا چاقىرىق قىلدى
خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى يۇ ۋېنچىڭ ئامېرىكا-خىتاي تاموژنا توقۇنۇشى كەسكىنلەشكەن پەيتتە ئۇيغۇر رايونىدا تۆت كۈنلۈك زىيارەت ئۆتكۈزۈپ، خىتاي تىلىنى كەڭ قوللىنىش ۋە تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشنى تەكىتلىگەن.